باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن كىملەرگە جاۋاب خەت يازدى؟

2018.01.08 17:28   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن كىملەرگە جاۋاب خەت يازدى؟

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگرممىسى:

  2017- يىلى 29-ئۆكتەبىر، جوگا، ياڭزۇڭ ئاچا-سىڭىل يۈمەي يېزىسىدىكى كادىرلار بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شىزاڭ شەننەن شەھىرى لۇڭزى ناھىيەسىگە قاراشلىق يۈمەي يېزىسى جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىغا جايلاشقان ، ئېلىمىزدىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز مەمۇرىي يېزا بولۇپ، يېزا بويىچە توققۇز ئائىلىدىكى 32 كىشى، توققۇز دېھقان، چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى بار.

  2017- يىلى 28-ئۆكتەبىر، باش شۇجى شى جىنپىڭ جوگا، ياڭزۇڭ ئاچا-سىڭىلغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇلار ئىككى ئەۋلادنىڭ تىرىشىپ چېگرانى قوغدىغان ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئۇزاقتىن بۇيان چېگرانى قوغداپ، ساداقەتمەنلىك بىلەن تۆھپە قوشقان بارلىق يولداشلارغا رەھمەت ئېيتىپ، بارلىق دېھقان، چارۋىچىلارنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئېلىمىز زېمىنىنى ياخشى قوغداپ، يۇرت-ماكانىنى ياخشى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018-يىللىق يېڭى يىلنى تەبرىكلەش سۆزىدە مۇنداق دېدى: 2017-يىلى، يەنە ئاممىدىن كەلگەن نۇرغۇن خەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئۇنىڭ ئىچىدە شىزاڭ لۇڭزى ناھىيەسى يۈمەي يېزىسىدىكى يۇرتداشلاردىن، ئىچكى موڭغۇل سۇنىت ئوڭ خوشۇنى ئۇلانمۇچىر ئەترىتىدىن، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىن غەربىي رايونغا يۆتكەلگەن پېشقەدەم پروفېسسوردىن، يەنە نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىستۇدېنتلاردىن كەلگەن خەت بار، ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈپ تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرغانلىقى، ئۆكۈنمىگەنلىكى ماڭا مىليونلىغان ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكى، بەختنىڭ كۈرەش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

  ئەمەلىيەتتە 2012-يىلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، شى جىنپىڭ ئاممىدىن كەلگەن نۇرغۇن خەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا قالماي، يەنە ئاددىي كىشىلەر، ئادەتتىكى تەشكىلاتلارغا كۆپ قېتىم جاۋاب قايتۇردى، بۇ جاۋاب خەتلەر رەئىسنىڭ خەت يازغۇچىلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى نامايان قىلىپ، ئاممىنى يېتەكلەپ ۋە كۆرسەتمە بېرىپ، چوڭقۇر ئىنكاس قوزغىدى.

  ياشلارغا ئەڭ كۆپ جاۋاب قايتۇردى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب قايتۇرغان ئوبيېكتلارغا نەزەر سالغاندا، ياشلارغا قايتۇرۇلغان جاۋاب كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيدۇ. شى جىنپىڭ جاۋاب قايتۇرۇش ئارقىلىق، ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇردى ھەم ئۇلاردىن زور ئۈمىد كۈتتى.

  باش شۇجى چىن ھېسسىياتى بىلەن سەمىمىي جاۋاب قايتۇردى

  شى جىنپىڭنىڭ قايتۇرغان جاۋاب خەتلىرى ئاددىي، ئىخچام ھەم ئەمەلىي بولۇپ، ئاغزاكى تىللار بىلەن چىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن.

  جاۋاب خېتى ئارقىلىق ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتتى

  شى جىنپىڭ قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە، خەتنى يازغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتكە قۇدرەتلىك ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىئەندە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسلىكى ھەپتىدە تۆت سائەتكە تەڭشەلدى
    ·شىنجاڭدا 2018-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى تەسىس قىلىنمايدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قى…
    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى …
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى