خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-يانۋار، شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولىم شەھىرىنىڭ جەنۇبى شەھەر ئەتراپىدىكى بىر مېترو بېكىتىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، بىر ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ساقچىلار ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى تېخى مۇقىملاشتۇرمىدى.
سۈرەتتە: مېترو بېكىتىدە ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى قامال قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى