خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 8- يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ھالدا دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى مۇكاپاتلىدى. لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى. جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن 2017-يىللىق دۆلەتنىڭ ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نەنجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاكادېمىك ۋاڭ زېشەن ۋە جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تېزگىنلەش ئورنىدىكى ئاكادېمىك خۇ يۈندېغا تەقدىرنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلارنى قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى، دۆلەت پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى مۇكاپاتلىدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، مۇكاپاتلانغان بارلىق خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم سەمىمىي سالام يوللىدى، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە مەدەت بەرگەن چەت ئەللىك مۇتەخەسىسلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىسىتراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ سىجىل بولغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى