باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودا ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى باھالاش ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش تاماملاندى

ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى

2017.12.29 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «تىل ئىقتىدارىنى سىناش ۋە باھالاش 3- نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش <يېڭى يۆنىلىشى>نىڭ5- نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى» شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگودا ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى باھالاش ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملانغان.

  كىشىلەرنىڭ ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاشنىڭ ئېلىمىزدىكى بۇ ئۆلچىمى بىر تۇنجى ئۆلچەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ پۈتۈن مائارىپ باسقۇچلىرىغا ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ تۈزۈپ چىقىلىشى تۆۋەندىكى بەزى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ۋە بەزى ئىشلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە، يەنى، جۇڭگو ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى باھالاشتا ئىمتىھان ئۆلچىمى ھەر خىل بولۇش، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ نىشانى بىلەن سىناق ئېلىپ ئۆلچەش نىشانى بىردەك بولماسلىق ۋە ئۆگىنىش نىشانى باغلانماس قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا پايدىلىق؛ ئىنگلىز تىلىنىڭ ئىمتىھان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، ئىنگلىز تىلىنى ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ئىمتىھان ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ماسلاشقان ھالدىكى تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، كۆپ خىل ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى قاتارلىقلارغا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلىتىمىزدە ھازىر ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنىڭ دەرىجە ئىمتىھانى سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى تېزلىتىلمەكتە. ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنىڭ دەرىجە ئىمتىھانى بولسا، جۇڭگودىكى ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى باھالاش ئۆلچىمى ئاساسىدا تەتقىق قىلىنىپ قۇرۇپ چىقىلغان ئىنگلىز تىلى سەۋىيە سىناش سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئۆلچەم بىر تۇتاش بولۇش، تەكشۈرۈش ئومۇميۈزلۈك بولۇش ۋە نەتىجە دوكلات ئۇچۇرلىرى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر ھازىرقى ئىمتىھانلاردا ساقلىنىۋاتقان يېتەرسىزلىكلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاشقا پايدىلىق، ھەمدە ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشىغا ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىشقا پايدىلىق.

  جۇڭگودىكى ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى باھالاش ئۆلچىمىنى خەلقئارادىكى داڭلىق ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ چىقىش ئىشى ھازىر پائال تۈردە ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرى بىلەن جۇڭگو ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى باھالاش ئۆلچىمىنى ماسلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، ھەمدە باسقۇچلۇق ۋەزىپىلەر تاماملاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر