خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى، مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى باش مەيدانىدا، ھەربىي قىسىم مەشىق باشلاش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن مەشىقنى باشلىدى. شىمالىي چېگرا رايونلاردىن جەنۇبىي دېڭىز ياقىلىرىغىچە، شەرقىي دېڭىز رايونىدىن قارلىق ئېگىزلىك رايونلىرىغىچە، پۈتۈن ئارمىيە قىسىمدىكى 4000 دىن ئارتۇق مەشىق مەيدانىدا بىرلا ۋاقىتتا مەشىق باشلاندى. ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر باتۇرانە جاسارىتى بىلەن پۈتۈن مەشىق مەيدانىنى جۇشقۇن كەيپىياتقا تولدۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى