خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-يانۋار ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم شىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، رەقەملەشكەن قىسىم قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى توپلاپ سەرخىل ئۇرۇش كۈچى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋەكالىتەن ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلىدى.
يېڭى يىل كىرگەندە، خېبېي زېمىنىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. 3-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم شىسىغا كەلدى. ئۇ ئاۋۋال قىسىمنىڭ قورال-ياراغلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. نەچچە ئون يۈرۈش رەقەملەشكەن قورال-ياراغلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، سۈرلۈك-ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، ئارىلاپ توختاپ سوئال سورىدى. يەر يۈزى زەربىدار سىستېمىسى قوراللىرى ئالدىغا كەلگەندە، شى جىنپىڭ 99A تىپلىق تانكىنى قىزىقىپ كۆردى. بۇ، دۆلىتىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى ئەۋلاد ئاساسلىق ئۇرۇش تانكىسى بولۇپ، «قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى شاھى» دېگەن نامى بار. ئوت كۈچى زەربە بېرىش سىستېمىسى قوراللىرى ئالدىغا كەلگەندە، شى جىنپىڭ «قىزىل ئوقيا-10» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئاپتوموبىلىغا چىقىپ، ئۇنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، قىسىمنىڭ پەن-تېخنىكا ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى ئىقتىدار ئەۋزەللىكى ۋە ئۇرۇش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى