باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى

2017.12.19 12:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 12- ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ. ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىمتىھاننىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 18-دېكابىر ئىمتىھان مەزگىلىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى.

  جايلار مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى پاش قىلىش تېلېفونىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (9)»گە ئاساسەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلىشقا تەشكىللىگەنلەر؛ باشقىلارنى كۆچۈرمىچىلىك ئەسۋابلىرى بىلەن تەمىنلىگەن ياكى باشقا ياردەم بەرگەنلەر؛ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش مەقسىتىدە باشقىلارغا ئىمتىھان سوئالى، جاۋابىنى قانۇنسىز ساتقانلار ياكى بەرگەنلەر؛ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەن ياكى باشقىلارنى ئۆز ئورنىدا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئىگىلەپ، قانۇن- ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، سەمىمىي ئىمتىھان بېرىشكە ئەسكەرتىدۇ. ئىمتىھانغا ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەرگىز يول قويمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر