1- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئىئوردانىيە پايتەختى ئامماندا، مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۇكەيلى، سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلۇماتىيە ۋەزىرى زۇبايېر، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گەت، ئىئوردانىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى سافادى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دىپلوماتىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كاركاش، پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مالىجى، ماراكەشنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋەزىرى بۇرۈيدا (سولدىن ئوڭغا) يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشماكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالتە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، دىپلوماتىيە ۋەزىرى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى 6- چېسلا ئىئوردانىيە پايتەختى ئامماندا يىغىن ئېچىپ، ئامېرىكىنىڭ ئېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ قارارىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا قارشى تۇرغانلىقى ۋە ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى، ھەمدە ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئېروسالىم مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى