- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
2017.12.21 15:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى دوكلات (2017)»دا كۆرسىتىلىشىچە، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %97.6كە يەتكەن.
مەزكۇر «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا 2526 تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بار بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئۈچ مىليون 232مىڭدىن ئاشقان. 2016- يىلى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىر مىليون 272مىڭغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قوبۇل قىلىنغان يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 986مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي سانىنىڭ %77.5ىنى ئىگىلىگەن؛ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 931 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، 909مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %97.6كە يەتكەن. بىر يىل ئىچىدە يولغا قويۇلغان ئىجتىمائىي تەربىيەلەش تۆت مىليون 516 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن. يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيتىلگەن بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىسىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىر مىليون 178 مىڭغا يەتكەن. بۇ، مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى ئومۇمىي سانىنىڭ %36.5ىنى ئىگىلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر