باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 17-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ ئۆز مەيدانىدا بېيجىڭ كوماندىسىنى يەڭدى

ئادامس ئۇدا ئىككى مەيدان 40تىن ئارتۇق نومۇرغا ئېرىشتى

2017.12.18 15:07   مەنبە: خەلق تورى

CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 17-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ ئۆز مەيدانىدا بېيجىڭ كوماندىسىنى يەڭدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-دېكابىر كەچتە، CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 17-ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 105 دە 98 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى. شىنجاڭ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان يېڭىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ ئۇدا تۆت مەيدان ئۇتۇش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

  پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئادامس 44 نومۇر، گاردىن قايتقان سەككىز توپنى ئېلىش، 10 پاس بېرىش؛ سۈن توڭلىن 17 نومۇر، گاردىن قايتقان 11 توپنى ئېلىش، ئىككى پاس بېرىش؛ شىرئەلى 13 نومۇر، گاردىن قايتقان يەتتە توپنى ئېلىش، تۆت پاس بېرىش،ئۈچ توپنى تالىشىپ ئېلىش؛ لى گېن 11 نومۇر، گاردىن قايتقان ئۈچ توپنى ئېلىش، بىلاتچې تۆت نومۇر، گاردىن قايتقان تۆت توپنى ئېلىشتەك ئىپادىسىنى كۆرسەتتى.

  مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لى چيۇپىڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىزنىڭ ئۇتالىشىمىزدىكى سەۋەپ، مۇداپىئەنى ياخشى قىلدۇق. قارشى تەرەپنىڭ ئالغان نومۇرىنى 100 نومۇر ئىچىدە كونترول قىلدۇق. رەقىبىمىز بېيجىڭ كوماندىسى ئومۇمىي جەھەتتىن كۈچلۈك، ھۇجۇمدا تاشقى لىنىيەنى ئاساس قىلىدۇ. مۇسابىقىدىن بۇرۇن بىز قارشى تەرەپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا تاشقى لىنىيەدىكى مۇداپىئەنى ياخشى ئورۇنلاشتۇردۇق. ھۇجۇم قىلىش جەھەتتىن، كوماندىمىزنىڭ ئىپادىسىنى بەزىدە ياخشى، بەزىدە ياخشى ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. بىراق ئىچكى لىنىيەدە بىز ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۇق. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەزالار مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئورۇنلاشتۇرما بويىچە مۇسابىقە ئوينىدى.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…