باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن-نىزاملار ئۈزلۈكسىز تۈزىتىلىپ، سىياسەت ئۈنۈمى روشەنلەشتى

چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى تېخىمۇ ئازادە بولدى

2017.12.20 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز يۇقىرى سەۋىيەلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلدى. «سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پائال پايدىلىنىشقا ئائىت بىر قانچە تەدبىر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتى يارىتىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى چۆرىدەپ، 20 تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «چەت ئەل مەبلىغىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا ئائىت بىر قانچە تەدبىر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا ئېلىمىزنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلقئارالىشىش، قولايلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش تەكىتلەندى. قايتىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىدىكى كەسىپلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇندەرىجىسى» ئېلان قىلىندى ۋەھاكازالار.

  بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار 30815كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.5 ئاشتى؛ ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت مەبلىغى 803 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشتى. 11-ئايدا، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار 4641گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %161.5 ئاشتى؛ ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 124 مىليارد 920 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90.7 ئاشتى. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى مەڭگۈ تاقالمايدۇ.

  سىياسەت ئۈنۈمى روشەنلىشىپ، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ئاشتى

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيانىڭ دۆلەت ھالقىپ مەبلەغ سېلىش ۋە كەسىپ يۆتكىشىدە يېڭى ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 2017-يىلى ئېلىمىزنىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سىياسىتىدە مۇنداق بەش يۆنىلىش بار: بىرىنچى، ئېچىۋېتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچى، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىچكى-تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۈچىنچى، مەبلەغ، تېخنىكا، ئەقلىي كۈچ جەلپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ياسىمىچىلىققا بولغان جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ تۆتىنچى، بىرلىككە كەلگەن بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىش؛ بەشىنچى، ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر