- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
باج باش ئىدارىسى: كېلەر يىلىدىن باشلاپ قوشۇلما قىممەت بېجى ئادەتتىكى تالونىنىڭ تالون نومۇرى 12 خانىگە ئۆزگىرىدۇ
2017.12.20 17:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت باج باش ئىدارىسى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تالون ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، باج باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قوشۇلما قىممەت بېجى ئادەتتىكى تالونى(قاتلىما تالون) تالون نومۇرىنىڭ ھازىرقى 10 خانىدىن 12 خانىگە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قوشۇلما قىممەت بېجى ئادەتتىكى تالونىنىڭ تۈرى ۋە ئىشلىتىش مىقدارى ئېشىپ، 10 خانىلىق تالون نومۇرى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى. قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلېكتىرونلۇق ئادەتتىكى تالونى بىلەن قوشۇلما قىممەت بېجى ئادەتتىكى تالونى(يۆگىمە تالون)نىڭ تالون نومۇرى 12 خانە، باج باش ئىدارىسى قوشۇلما قىممەت بېجى ئادەتتىكى تالونى(قاتلىما تالون)نىڭ تالون نومۇرىنىمۇ 12 خانىگە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. قوشۇلما قىممەت بېجى ئادەتتىكى تالونى(قاتلىما تالون)نىڭ 12 خانىلىق تالون نومۇرىنى كودلاشتۇرۇش قائىدىسى ۋە شۇ ئىدارىنىڭ نامى بېسىلغان قوشۇلما قىممەت بېجى ئادەتتىكى تالونى(قاتلىما تالون)نى ئىشلىتىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر