باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بوئېن 747 ئامېرىكا سودا تىرانسپورت سەھنىسى بىلەن خوشلىشىدۇ

2017.12.19 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا بويىچە داڭلىق بوئېن 747 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋاتقىنىغا 50 يىل بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردىن بېرى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بۇ خىل ئايروپىلاننى ئارقا-ئارقىدىن شاللىۋەتكىلى تۇردى.

  مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە، دامېي ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بوئېن 747 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۇچۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، بۇ تىپتىكى ئايروپىلان ئامېرىكا سودا تىرانسپورتىدىكى بۇ مۇھىم سەھنە بىلەن خوشلىشىدۇ.

  دامېي ئاۋىياتسىيە شىركىتى قارمىقىدىكى بوئېن 747 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئامېرىكىنىڭ دېترويت شەھىرى بىلەن كورېيە سېئۇل ئارىسىدىكى بىر قېتىملىق بېرىپ- كېلىش سەپىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بۇ، مۇشۇ تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئامېرىكا سودا تىرانسپورتى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 18- چېسلا سېئولغا قاراپ ئۇچقانداىن كېيىن، سېئولدىن قايتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 20- چېسلا دېترويتقا يېتىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  نۆۋەتتە، ياپۇنيە، سىنگاپور ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بۇ خىل ئايروپىلاننى ئۈزۈل- كېسىل شاللىۋەتتى. بىراق، گېرمانىيە ھانسا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە بۈيۈك كورېيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر يەنىلا بۇ خىل ئايروپىلاننى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدا سودا تىرانسپورت ساھەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۇچۇشنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، بوئېن 747 تىپىدىكى ئايروپىلانلار پەقەت يۈك توشۇش ياكى ئاز ساندىكى ئالاھىدە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر