باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارىم نېفىتلىكىنىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»دا يىللىق تەمىنلەش مىقدارى تۇنجى قېتىم 20 مىليارت كۇب مېتىرلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

2017.12.18 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو نېفىت شىركىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتىنىڭ 15-دېكابىردىكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تەكلىماكان قۇملۇقىغا جايلاشقان تارىم نېفىتلىكىنىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇرۇبا لىنىيەسىدە بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈلگەن گاز مىقدارى 20 مىليارد 162 مىليون كۇپ مېتىرغا يەتتى، بۇ نېفىتلىكنىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇرۇبا لىنىيەسى ئورنىتىلغان 13 يىلدىن بۇيان، يىللىق يەتكۈزۈلۈش مىقدارى تۇنجى قېتىم 20 مىليارد كۇب مېتىرلىق ئۆتكەلدىن ئېشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  تارىم نېفىتلىكى 2004-يىلى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورىدا گاز يەتكۈزۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، شۇ جاي ئاھالىلىرىنىڭ گاز ئىشلىتىشىگە كاپالەت قىلغان ئاساستا، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىدا يىللىق توشۇش مىقدارى ئىلگىرىكى 351 مىليون كۇب مېتىردىن 2016-يىلىدىكى 19 مىليارد 316 مىليون كۇپ مېتىرغا يەتتى، كۈندىلىك گاز توشۇلۇش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 63 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، تۆۋەنكى لىنىيەدىكى 15 ئۆلكە، 120دىن ئارتۇق چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە، 3000 دىن ئارتۇق كارخانىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، تارىم نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتە بىخەتەر، تۇراقلىق گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاھالىلەرنىڭ گاز ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. يىللىق گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 3 مىليارد كۇپ مېتىردىن ئاشتى.

  تارىم نېفىتلىكىنىڭ يەر يۈزى مۇھىتى ناچار، يەر ئاستى شارائىتى مۇرەككەپ بولۇپ، دۇنيا بويىچە نېفىت-گاز چارلاش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر