باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 11-ئايدا، مەملىكەت بويىچە قانۇندا بەلگىلەنگەن 577 مىڭ 247 يۇقۇملۇق كېسەل بايقىلىپ، 1958 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

2017.12.19 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا، 2017-يىلى 11-ئايدا، مەملىكەت بويىچە قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى، مەملىكەت بويىچە (شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 577 مىڭ 247 يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ بايقالغانلىقى، 1958 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئا تىپلىق يۇقۇملۇق كېسىلى ئىچىدە چۇما، خولېرا كېسەللىكى ۋە ئۆلگەنلىك دوكلاتى يوق. ب تىپلىق يۇقۇملۇق كېسىلى ئىچىدە، يۇقۇملۇق سارس، دىفتېرىيە، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى، تېز يۇقىدىغان يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئۆلگەنلىك دوكلاتى يوق، باشقا 22 خىل يۇقۇملۇق كېسەل ئىچىدە 299 مىڭ 615 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى، 1951 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى دوكلات قىلىندى. دوكلاتتا، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى بويىچە ئالدىنقى بەش ئورۇننى ئىگىلەيدىغان كېسەللىك تەرتىپ بويىچە: ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، سىفىلىس، سۆزنەك ۋە بەزگەك قاتارلىقلار بولۇپ، ب تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللىك دوكلاتىدىكى كېسەللىك ئومۇمىي سانىنىڭ %93 ىنى ئىگىلىەيدۇ.

  ئوخشاش مەزگىلدىكى س تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللىك دوكلاتىدا، فىلارىئوز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈش ئەھۋالى يوق، قالغان 10 خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك دوكلاتىدا 277 مىڭ 632 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى، يەتتە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى دوكلات قىلىندى. دوكلاتتا كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغان كېسەللىك تەرتىپ بويىچە قول-پۇت ۋە ئېغىز ئەسۋە كېسەللىكى، باشقا يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش ۋە تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىقلار بولۇپ، س تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللىك دوكلاتىدىكى كېسەللىك ئومۇمىي سانىنىڭ %90 ىنى ئىگىلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر