باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يولۇچىلار پويىزغا كۆپ ئولتۇرۇشتىن ئېرىشكەن رىغبەت جۇغلانما نومۇرىنى پويىز بېلىتىگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ

2017.12.19 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تۆمۈريول باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ، تۆمۈر يول تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ يولۇچىلار چۆپقەتلىرىگە قارىتا «تۆمۈر يولدا راۋانلىق» ناملىق مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن، يولۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ پويىزغا كۆپ ئولتۇرغاندىن ئېرىشكەن رىغبەت جۇغلانما نومۇرلىرىنى پويىز بېلىتىگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيدىكەن.

  20- چېسلادىن باشلاپ، 12 ياشقا توشقان تەبىئىي شەخس، تۆمۈر يول يولۇچىلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 12306 تور بېكىتى (يان تېلېفونAPPمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىنىدۇ)ۋە بېكەتتىكى بېلەت سېتىش مەخسۇس كۆزنىكى دېگەندەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، سالاھىيىتى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، «تۆمۈر يولدا راۋانلىق» ناملىق مۇلازىمەت تۈرىدىكى پويىزغا ئولتۇرىدىغان چۆپقەت يولۇچىلار ئەزاسى بولالايدۇ. ئەزا بولغانلار پويىز بېلىتى سېتىۋېلىپ پويىزغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، رىغبەت جۇغلانما نومۇرىغا ئېرىشەلەيدۇ. جۇغلانما نومۇرى جۇغلىنىۋېرىپ تۇنجى قېتىم 10 مىڭدىن ئاشقانلار ئۇ جۇغلانما نومۇرىنى نەقلەشتۈرۈپ پويىز بېلىتىگە ئالماشتۇرىۋېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، ھەمدە ئۇ جوغلانما نومۇرنى بەلگىلەنگەن نۆۋەتتىكى شۇ قېتىملىق پويىز بېلىتىگە ئالماشتۇرالايدۇ. ئالماشتۇرغان پويىز بېلىتىنى يولۇچىلار ئەزاسى بولغان كىشىنىڭ ئۆزى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، ياكى ئۆزى ئۆز ۋاقتىدا بېكىتكەن باشقا بىر قوبۇل قىلغۇچىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئەزا بولۇشقا ئىلتىماس قىلىشقا ئىشلىتىلىنىدىغان كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: كىملىك؛ شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن پۇقرالىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ-كېلىش يول خېتى؛ تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا بېرىپ-كېلىش يول خېتى؛ پاسپورت قاتارلىقلار.

  پويىزنىڭ چۆپقەت يولۇچىلار ئەزاسىغا قارىتىلغان مۇلازىمىتىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى توغرىسىدا، يولۇچىلار 12306 تور بېكىتىگە چىقىپ، 12306 خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ياكى ھەر قايسى چوڭ ۋوگزاللارنىڭ كۆزنىكىدە تەكشۈرۈپ ۋە مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر