خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
مۇھەررىردىن: پارتىيەنىڭ 19-قۇرۇلتىيى پارتىيە ۋە دۆلەت سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. 19-قۇرۇلتاينىڭ تولۇق تېكىستى 30 مىڭ خەتتىن ئارتۇق، خەلق تۇرمۇشى بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم تۈزگۈچى قىسمى. خەلق تورى ج ك پ ئاخبارات تورى مۇھىت، يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، نامراتلارنى يۆلەش، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق بۇ توققۇز ساھەسىدىن توققۇز تال خەتنى تاللاپ، شۇ ئارقىلىق 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا تەسۋىرلەنگەن بەختلىك تۇرمۇش توغرىسىدا كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.
«گۈزەل»-«美»
19ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ ئەسلى تېكىستى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئۆز ھاياتىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئەڭ چىڭ بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، يېشىل بولغان تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇشى باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگونى قۇرۇپ چىقىپ، خەلق ئۈچۈن ياخشى بولغان ئىشلەپچىقىرىش، ياشاش مۇھىتى يارىتىپ، دۇنيانىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش لازىم.