باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

10 تارماق پاكىز ئىسسىنىش پىلانىنى ئېلان قىلدى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى

2017.12.18 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 15-دېكابىردىن 17-دېكابىرغىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە شۇ ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ «2+26» شەھەرلىرىنىڭ قىش پەسىللىك پار بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى خىزمىتىنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، قىش پەسىللىك پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئاھالىلارنىڭ گاز، توك ئىشلىتىش ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى مالىيە مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى قاتارلىق 10 تارماق «شىمالىي رايونلارنىڭ قىش پەسىللىك پاكىز ئىسسىنىش پىلانى (2017-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە)» نى ئېلان قىلىپ، گاز مەنبەسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئومۇمىي لايىھەسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. قىش كىرىپ قاتتىق سوغۇق باشلاندى، كۆپ قىسىم جايلار كۆپچىلىكنىڭ كۆك ئاسمان ۋە ئىسسىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ. مەخسۇس تەكشۈرۈشكە 839 گۇرۇپپا، 1678 كىشى ئەۋەتىلدى.

  ئىگىلىنىشچە، مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە شۇ ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن خادىم ئاجرىتىلىپ، 839 گۇرۇپپا، ھەر بىر گۇرۇپپىدا ئىككىدىن كىشى بولۇپ، 1678 كىشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 112 ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىش گۇرۇپپىسى (يەنى 28 شەھەرنىڭ ھەر بىرىدە تۆت گۇرۇپپا)، ئالتە ئالاھىدە ھەركەت گۇرۇپپىسى، 721 سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بار.

  مەخسۇس تەكشۈرۈش مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ئاھالىلارنى پار بىلەن تەمىنلەش نورمالمۇ-ئەمەس، پار بىلەن تەمىنلەشتە قانداق ئۇسۇل قوللىنىلغانلىقى (يەنى: گاز، توك، كۆمۈر بىلەن ئىسسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ھەم ئىلگىرىكى ئىسسىتىش ئەھۋالىغا سېلىتىشتۇرۇش. ئىككىنچى، گاز بىلەن ئىسسىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولسا، گاز مەنبەسىنىڭ مۇقىم ياكى ئەمەسلىكى، گاز مىقدارىنىڭ يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكى، گاز باھاسىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن-ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش؛ توك بىلەن ئىسسىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولسا، توك باھاسىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن-ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش. كۆمۈر بىلەن ئىسسىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولسا، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش كاپالەتكە ئىگە قىلنغان-قىلىنمىغانلىقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش. ئۈچىنچى، «2+26» شەھەرلىرىنىڭ «ئىككىنى ئالماشتۇرۇش» (يەنى كۆمۈرنى گازغا، كۆمۈرنى توكقا ئالماشتۇرۇش) خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، يەنى «ئىككىنى ئالماشتۇرۇش» ۋەزىپىسىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن-كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر