باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى سەپ تۈزۈپ ياپون دېڭىزى بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، يىراق ئوكيان مەشىقى قىلدى

2017.12.19 12:02   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى سەپ تۈزۈپ ياپون دېڭىزى بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، يىراق ئوكيان مەشىقى قىلدى

  12-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ K6 بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى شەرقىي جۇڭگونىڭ مەلۇم ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ ياپون دېڭىزىغا بېرىپ، يىراق ئوكيان مەشىقى قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن جىنكې 18-دېكابىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى شۇ كۈنى بومباردىمانچى ئايروپىلان، قىرغۇچى ئايروپىلان، رازۋېدكا ئايروپىلانى قاتارلىق كۆپ تىپلىق نۇرغۇن ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئەۋەتىپ، تسۇشىما بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ياپون دېڭىزىدىكى خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا يىراق ئوكيان ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى سىنىدى.

  شېن جىنكې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىراق ئوكيان مەشىقى جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىسۇشىما دېڭىز بوغۇزىدىن تۇنجى قېتىم ئۇچۇپ ئۆتۈشى بولۇپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانچى K6 بەلگىلىك، سۇ 30 بەلگىلىك كۆپلىگەن ئۇرۇش ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئايرودرومدا تەييارلىقلارنى تاماملاپ، سەپ تۈزۈپ تىسۇشىما دېڭىز بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ياپون دېڭىزىدىكى خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا مەشىق قىلىپ، چەت ئەل ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ كاشىلا قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇپ، بەلگىلەنگەن مەشىق مەقسىتىگە يېتىپ، يىراق ئوكيان ھەرىكەتچان ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يىللىق مەشىق پىلانىدىكى قەرەللىك مەشىق ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، ئالاقىدار خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ھېچقانداق دۆلەت، رايون ۋە نىشانغا قارىتىلمىغان.

  تسۇشىما دېڭىزى تېرىتورىيەدە بولمىغان دېڭىز بوغۇزىغا تەۋە، «ب د ت دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»گە ئاساسەن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىزدا قاتناش ۋە ئۇچۇپ ئۆتۈش ئەركىنلىكى بار. جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىسۇشىما دېڭىز بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ ياپون دېڭىزىدىكى خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا يىراق ئوكيان مەشىقى قىلىشى قانۇنلۇق، مۇۋاپىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…