باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز كېلەر يىلدىن باشلاپ قىسمەن ئىمپورت- ئېكىسپورت تاموژنا بېجىنى تەڭشەيدۇ

2017.12.18 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى قىسمەن ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ ئېمپورت- ئىكىسپورت بېجى تۆۋەنلىتىلگەندىن كىيىن، 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز باشقا ئېمپورت- ئىكىسپورت بېجىنى قىسمەن تەڭشەيدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىلى ئېمپورت ۋاقىتلىق باج نىسبىتى ئۇسۇلى بويىچە رەقەملىك X نۇرلۇق سۈرەتكە تارتىش سىستېمىسى تاختا تەكشۈرگۈچ، بۈرتمە گۈل چىقىرىش ماشىنىسى، ئېنېرگىيە باتارىيەسى مۇسبەت ماتېرىيالى، ئىلغار دورىگەرلىك خام ماتېرىيالى، كوكۇس تالاسى قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ئېمپورت بېجى تۆۋەنلىتىلىدىكەن ھەم ئاپتوموبىل قېلىپىنى ئىمپورت قىلىش ۋاقتىلىق باج نىسبىتىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى مۇۋاپىق كېڭەيتىلىدىكەن. نېكىل نۆكچىسىنىڭ ئېمپورت ۋاقىتلىق باج نىسبىتى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدىكەن. كېرەكسىز ماگنىي خىش، كېرەكسىز پولات داشقىلى، كېرەكسىز كان داشقىلى قاتارلىق تاۋالارنىڭ ئېمپورت ۋاقىتلىق باج نىسبىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت باج نىسبىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. پولات ماتېرىيالى، خىلورىت قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېمپورت تاموژنا بېجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن، ئۈچ ئىلمىنتلىق بىرىكمە ئوغۇت، ئاپاتىت، كۆمۈر يېغى، تارشا، كرىمنىي خروملۇق تۈمۈر، پىلتە پولات قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىكىسپورت بېجى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلىدىكەن.

  كىلەر يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بېجىنى 3- قېتىم تۆۋەنلىتىش باشلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە قىسمەن ئۇچۇر تېخنىكىسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېمپورت ۋاقىتلىق باج نىسبىتى مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ. كىلەر يىلى دۆلىتىمىز يەنە APEC مۇھىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېجىنى تۆۋەنلىتىش ۋەدىسىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدۇ ھەم ئالاقىدار تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر داۋاملىق تاموژنا بېجى ئالماسلىق مۇئامىلىسىدىن بەھرىمان بولىدۇ.

  2018- يىلى تەڭشەلگەندىن كىيىنكى باج نىزامىدىكى باش ئېلىش تۈر ئوبيېكتى ئومۇمىي سانى 8549 بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر