باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەتلىرىنى بىردەك قانۇن بويىچە تېز تۇتۇپ تېز ئەيىبلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2017.12.18 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەش-نازارەت قىلىش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇنداق كۆرسەتتى: تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەتلىرىگە قارىتا «ئۈچ بىردەك» بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، يەنى بىردەك قانۇن بويىچە تېز تۇتۇپ تېز ئەيىبلەش؛ بىردەك مەخسۇس بەنزە قۇرۇپ بىر تۇتاش بېجىرىش؛ نۇقتىلىق تۈزەش رايونىغا قارىتا بىردەك مەنبەسىدىن تۈزەش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەپتىش ئورگانلىرى تور جىنايىتىگە زەربە بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا قانۇنسىز كىرىش جىنايىتى قاتارلىق كومپيۇتېرغا چېتىشلىق يەتتە جىنايەت نامىغا تەتبىقلاپ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە 727 دېلودىكى 1568 ئادەمنى ئەيىبلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2017-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە 334 دىلودىكى 710 كىشى ئەيىبلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %82.5 ۋە %80.7 ئاشتى؛ تور- تېلېگراف مال-مۈلۈككە چېقىلىش جىنايىتى دېلولىرى بويىچە 15 مىڭ 671 دىلودىكى 41 مىڭ 169 كىشى ئەيىبلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە 2017-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە 82 مىڭ 257 دىلودىكى 22 مىڭ 268 كىشى ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %88.6 ۋە %118.6 ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر