باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائارىپنىڭ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا جاۋاب بەردى

2017.12.04 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا 2017-يىللىق «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سۇنغان «يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائارىپنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە قوللاش سىستېمىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ»كە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائارىپقا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدىغان ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائارىپنىڭ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىگىلىنىشچە، «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن سەككىز كىشى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسىدىن ئىككى كىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ تەكلىپ بېرىش، ئايرىم تەكلىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن « يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائارىپنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە قوللاش سىستېمىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى سۇنغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى بىلەن بۇ تەكلىپ توغرىسىدا كېڭەشكەندىن كېيىن، ئالاھىدە مائارىپ قانۇن-نىزام قۇرۇلۇشى، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى كەسپىي گۇۋاھنامە تۈزۈمى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، سىنىپتا ئوقۇشنى قوللاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، باھالاشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تەدبىر ھەرىكەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، جايلارنى «ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئۆلچىمى (سىناق نۇسخىسى)»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ يېتەكلەيدىغانلىقى؛ ھەر قايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)نىڭ پىداگوگىكا تىپىدىكى ئالي مەكتەپ ۋە باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ياخشىسىنى تاللاپ ئالاھىدە مائارىپ كەسپىنى تەسىس قىلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاھىدە مائارىپ كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقى؛ «دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى»دا ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى مەخسۇس تەربىيىلەشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى ئۈچۈن نۇقتىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەپ، ئادەتتىكى مەكتەپلەردىكى سىنىپتا ئوقۇش، بايلىققا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى؛ ئالاھىدە مائارىپ ماگىستىر ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى شارائىتى بار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چەت ئەلدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائارىپقا ئالاقىدار پەنلەر توغرىسىدا ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشىنى قوللاپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، چەت ئەلدىن يۇقىرى سەۋىيەلىك، كەسپىي سالاھىيەت كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر