«ئومۇميۈزلۈك»-«全»
19ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ ئەسلى تېكىستى: ئومۇمىي خەلقنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، شەھەر، يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلانغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايرىلغان، لايىقىدا كاپالەتلەندۈرۈلگەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شەھەر ـ بازار ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر ـ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملىنىشىنى تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.