باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەمەتتۇرسۇن چوڭ 69 كىلوگراملىقلار بوكس مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو بوكس شاھى ئالتۇن بەلبېغىنى قولغا كەلتۈردى

2017.12.18 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 15- كۈنى، شىنجاڭنىڭ داڭلىق بوكس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ 69 كىلوگراملىقلار بوكس مۇسابىقىسىدە جۇڭگو بوكس شاھى ئالتۇن بەلبېغىنى ئېلىپ شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلدى، بۇ ئۇنىڭ بوكس ھاياتىدا ئالغان كەسپىي بوكس مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئالتۇن بەلبېغى بولۇپ قالدى.

  12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2017-يىللىق داتاڭ زېمىن جۇڭگو بوكس شاھى مۇسابىقىسىنىڭ 69 كىلوگراملىقلار جۇڭگو بوكس شاھى ئالتۇن بەلبېغىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئىچكى موڭغۇللۇق ئەزىمەت خۇرچا بىلىگنى يېڭىپ، 69 كىلوگراملىقلار مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى جۇڭگو بوكس شاھى ئالتۇن بەلبېغىنى تارتىۋالدى.

  جۇڭگو بوكس شاھى مۇسابىقىسى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپىي بوكس مۇسابىقىسى بولۇپ، 2017-يىلى بۇ مۇسابىقە تيەنجىن، نەننىڭ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى بەش شەھەردە ئۆتكۈزۈلدى، ۋاقىت ئارىلىقى 2017-يىلى 9-ئايدىن 2018-يىلى 1-ئايغىچە بولۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە بوكس پادىشاھى دېگەن نامغا ئېرىشكەنلەر ۋە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان تەنھەرىكەتچىلەر بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتى.

  مەمەتتۇرسۇن چوڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 69 كىلوگراملىقلار بويىچە چىمپىيونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە داۋامىدا، ئۇ ئۇدا يېڭىپ، B دەرىجىلىك مۇسابىقە (تۆت قېتىم ئۇچرىشىش)دە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئەنخۇي ماھىرى جۇ شۈەنگۇاڭ ۋە شىنجاڭ ماھىرى، سەبدىشى قەيسەر تاشمەمەتنى يېڭىپ، A دەرىجىلىك مۇسابىقە (ئالتە قېتىم ئۇچرىشىش) دەرىجىسىگە ئۆستى. ئارقىدىن خۇبېي ماھىرى ليۇ ۋېينى يېڭىپ،S دەرىجىلىك مۇسابىقە (سەككىز قېتىم ئۇچرىشىش) دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلۈپ، جۇڭگو بوكس شاھى ئالتۇن بەلباغ تالىشىش مۇسابىقسىگە كىردى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەمەتتۇرسۇن چوڭ بېيجىڭ ۋە لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، ئۈچ قېتىم ئارقا-ئارقىدىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى بولغان، 30 نەچچە قېتىم مەملىكەتلىك چېمپىيون بولغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 75 كىلوگىراملىقلار بويىچە كۈمۈش مىدالغا ئېرىشكەن بوكس ماھىرى توختاربېك تاڭاتقانمۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن بولۇپ، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 75 كىلوگراملىقلار بويىچە جۇڭگو بوكس شاھى ئالتۇن بەلباغ تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر