باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە ئائىت سەككىز تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى

2017.12.15 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەتچىلىك، ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا سەككىز تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى.

  1. جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجۈ شەھىرى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دامياۋ بازىرى لىجۇاڭ كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىڭچاڭنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قەستەن تەڭلىكتە قويۇش مەسىلىسى.

  2. خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇشۆ شەھىرى سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسى بېلىقچىلىق ئىشلىرى كېمە تەكشۈرۈش پورت نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كېمە تەكشۈرۈش بۆلۈمچىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىفوشى بازىرىنىڭ سۈنفۇ 2-كەنتىدە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى ليۇ سۇبىڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ساختىپەزلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغانلارنى يالغاندىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسى.

  3. خۇنەن ئۆلكىسى سۈينىڭ ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ناھىيەلىك ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىسى.

  4. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى سۈيشى ناھىيەسى ياڭچىڭ بازىرى يۈەنگۇ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى مەي جىۋېينىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىسى.

  5. چۇڭچىڭ شەھىرى فېڭجيې ناھىيەسى لوڭشىڭ بازىرى ليۇيا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى رېن ماۋشيەننىڭ خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ياردەم مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى.

  6. سىچۈەن ئۆلكىسى شۇيۇڭ ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ليۇ گوچېڭنىڭ بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەر، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئۆزگەرتىپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش مەبلىغىگە خىيانەتچىلىك قىلىش مەسىلىسى.

  7. گۇيجۇ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى ۋەنشەن رايونى شىياشى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش مەسىلىسى.

  8. چىڭخەي ئۆلكىسى خەيدۇڭ شەھىرى خۇالوڭ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم لو ۋېنشياڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ نامرات كۆچۈرۈلىدىغان ئاممىنى ئالىي دەرىجىلىك ئولتۇراق رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەپ، ئۆي سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش شەكلى ئارقىلىق مەلۇم ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ تاۋار ئۆي سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق مەسىلىسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر