باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا ئايروپىلانغا چىقىش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلدى

ئۇچۇشتىن 50 مىنۇت بۇرۇن ئايروپىلانغا چىقىش كېرەك

2017.12.18 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەر قىلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چىقىش ۋاقتى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشتىن 40 مىنۇت بۇرۇن چىقىشتىن نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشتىن 50 مىنۇت بۇرۇن چىقىشقا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ئاساسلىقى ئۈرۈمچى ئايروپورتىدا قىشتىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال ئۇچۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ، يەر يۈزى كاپالەت ۋاقتىنى قىسقارتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئايروپىلانغا چىقىش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈش ئارقىلىق، ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارغا «ئەڭ ئاخىرقى بىر يولۇچى»نى ئىزدەيدىغانغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت قالدۇرۇلۇپ، يولۇچىلار بۆلمىسى ئىشىكىنىڭ ۋاقتىدا تاقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، يولۇچىلارنى ساقلاش، يۈك–تاقلىرىنى توشۇش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىدىن ساقلىنىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  ئەمەلىيەتتە، 2015-يىلىلا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بىجىرىش ئايروپىلان ئۇچۇشتىن 30 مىنۇت بۇرۇن توختىتىشتىن 40 مىنۇت بۇرۇن توختىتىشقا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن 10 مىنۇت ۋاقىت كۆپەيتىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا كېچىكىپ قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال «ئالدىن تەييارلىقى» ياخشى قىلىنىپ، يولۇچىلارغا تېخىمۇ قولايلىق، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  قىش پەسلىدە ئۈرۈمچىدە پات-پات تۇمان ياكى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىش كۆرۈلۈپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنىڭ كېچىكىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر يەنە يولۇچىلارنىڭ كېچىكىپ قېلىش ياكى يۈك-تاق توشۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئايروپىلانلارنىڭ كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، شەك- شۈبھىسىزكى تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئايروپىلانغا چىقىش ۋاقتىنى ئايروپىلان ئۇچۇشتىن 40 مىنۇت بۇرۇنقىدىن ئايروپىلان ئۇچۇشتىن 50 مىنۇت بۇرۇنغا ئۆزگەرتىش يولۇچىلارنى مەنزىلگە بالدۇرراق يېتىپ بېرىشقا ئەسكەرتىدىغان بولۇپ، ھەرخىل رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر