خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يېقىنلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارلىشىش ۋەقەسى»دىكى ئاساسلىق شەخس سۈي شۈنشى كورېيە سېئول مەركىزىي يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ سوت قىلىندى.
كورېيە تەپتىش تەرەپ 14-چېسلا سېئول مەركىزىي يەرلىك سوت مەھكىمىسىدە «يېقىنلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارلىشىش ۋەقەسى»دىكى باش رولچى سۈي شۈنشىنىڭ ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش قاتارلىق دېلوسى ئۈستىدە، سوتتىن ئۇنىڭغا 25 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش تەكلىپى سۇندى.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەپتىش ۋە يېقىنلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋەقەسىنى ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شۇ كۈنى بىرىنچى سوتتا يەنە سوت مەھكىمىسىگە سۈي شۈنشىگە 118 مىليارد 500 مىليون ۋون (تەخمىنەن 711 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) جەرىمانە قويۇش ھەمدە جىنايەت يولى بىلەن تاپقان 7 مىليارد 797 مىليون ۋون (تەخمىنەن 46 مىليون 800 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)نى قايتۇرۇۋېلىش تەكلىپى سۇندى.
تەپتىش ئورگىنى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۈي شۇنشى سابىق زۇڭتۇڭ پاك گيۇنخاي بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش «ئارقىسىدىكى كۈچ» بولۇپ قالدى، ھۆكۈمەت تەشكىلاتى ۋە ئەلئارا كارخانا تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىيسىغا ئارىلاشتى، كورېيە ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تارىخىدىكى تۇنجى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەپ تەختتىن چۈشۈرۈش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باش جىنايەتچى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى