باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇنەن ئۆلكىسى شاۋياڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى چېن يۇشيۇ پارا ئېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى

دېلوغا چېتىشلىق سومما پەۋقۇلئاددە كۆپ

2017.12.14 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 12- دېكابىر، شاۋياڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى چېن يۇشيۇنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتى، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىغا قارىتا خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلىشى بىلەن، چېنجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چېنجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبنامە سۇندى.

  تەپتىش ئورگانلىرى ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا جاۋابكار چېن يۇشيۇنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەمدە جاۋابكار چېن يۇشيۇنى سوراق قىلىپ، ئۇ ھاۋالە قىلغان ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. چېنجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: جاۋابكار چېن يۇشيۇ دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرۇقلۇق خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا پايدا يەتكۈزگەن، ئايرىم ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ؛ دۆلەت ئورگىنى خادىمى بولۇپ تۇرۇقلۇق نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان، جامائەت مال-مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان، ئەھۋال پەۋقۇلئاددە ئېغىر، قانۇن بويىچە پارا ئېلىش جىنايىتى، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتى بىلەن ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر