باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

2017.12.01 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مۇھەببەتنى ئويغىتىش ۋە ئۆگىنىش» ئاساسىي تېمىسىدىكى 2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى شەندۇڭنىڭ بىڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى پائالىيىتىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمەت كومىتېتى كەسپىي تەرەققىيات مەركىزى بىلەن بىڭجۇ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزدى.«سىرداش ھەدە» لۇ چىن «ھەر بىر بالىنى ئېسىل قىلىش» تېمىسىدا دوكلات نۇتقى سۆزلەپ، ئاتا-ئانىلارنى ھۇزۇرلىنىشنىڭ كۈچىنى، مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى، ئارزۇنىڭ كۈچىنى، چۈشىنىشنىڭ كۈچىنى ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ كۈچىنى ئىگىلەشكە چاقىردى.

  بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمىدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل ئائىلە، ئەڭ گۈزەل ئائىلە تەربىيەسى، ئەڭ گۈزەل ئائىلە تۈسى»نى ئىزدەش، زىيارەت قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەۋسىيە قىلىنغان 100گە يېقىن ئىلغار ئائىلىلەردىن 12 ئىلغار ئائىلە تاللاپ چىقىلىپ تەقدىرلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر