باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

زەھەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرگە «قىلچە ۋە قەتئىي يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك

شىنجاڭدا زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى

2017.12.14 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك زەھەر چەكلەش تارماقلىرى زەھەر باشقۇرۇش مەسىلىسىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۈچىنى قوزغاپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرمەكتە. 11- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولاردىكى زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ سانى 17 مىڭغا يەتكەن، بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولاردىكى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىلغانلارنىڭ سانى 4249غا يەتكەن، ھەمدە 1695 زەھەر دېلوسى پاش قىلىنغان، 1895 نەپەر جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان، 724.26 كىلوگرام ھەر خىل زەھەرلەر قولغا چۈشۈرۈلگەن.

  13- چېسلا، ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى مىڭفۇ، شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈمى ئۈستىدە مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بويان، شىنجاڭ تەشۋىقات ۋە تەربىيە ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. مائارىپ تارماقلىرى زەھەر چەكلەش ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، «شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ زەھەر چەكلەش-باشقۇرۇش سىستېمىسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا تور ئارقىلىق زەھەر چەكلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە مەھەللىلەردە زەھەر تاشلاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىجرا قىلىش نىسبىتى %97كە يەتكەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەلىپىدىن ئېشىپ، %70 نىشانغا يەتكەن.

  ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى زەھەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرگە «قىلچە ۋە قەتئىييول قويماسلىق» پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، زەھەر ياساش جىنايىتىنى ئۆتكۈزۈشتەك قىلمىشلارنى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ۋە بىرلىشىپ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بويان، ئاپتونوم رايون بويىچە مەنبەنى توسۇش ۋە ئېقىشنى توسۇش دېلوسىدىن 806ى پاش قىلىندى، 1132 نەپەر جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلدى، 63.92 كىلوگىرام خېروئىن ۋە 89.58 كىلوگىرام كىرىستال قولغا چۈشۈرۈلدى. پۈتكۈل ئاپتونوم رايون بويىچە، زەھەر ياساش جىنايىتىنىڭ يىپ ئۇچلىرىدىن تۆتى تەكشۈرۈلۈپ-تەتقىق قىلىنىپ، ھۆكۈم چىقىرىلدى، زەھەر ياساش دېلوسىدىن ئىككىسى پاش قىلىندى، 0.1 كىلوگىرام مۇزسىمان زەھەر، 0.96 كىلوگىرام يېرىم تەييار مەھسۇلات، 176.67 كىلوگىرام ياسايدىغان خام ئەشيا قولغا چۈشۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر