باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنوسئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى

2017.12.13 14:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنوسئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى. نۆۋەتتىكى يەر شارى سودا ھەمكارلىق مېخانىزمى چوڭقۇر تەڭشەشكە يۈزلىنىۋاتقان، سودىنى يەر شارىلاشتۇرۇش قورۇقچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلىدىغان نەتىجىلەردە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن.

  خەلقئارا سودا ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان ئالدىن كۆرەرلىك تەھلىلدە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلىرى يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان يىغىندىن بۇرۇنقى نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى، لېكىن مەيلى كۆپ تەرەپلەر بولسۇن ياكى كۆپ تەرەپلىك سودا ساھەسىدە بولسۇن، كېڭىشىش بىردەك بولغان سۆھبەت نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش تېخنىكا جەھەتتىكى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ.

  دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازىۋىدو جەنۋەدە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گەرچە نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ماھىيەتلىك مەسىلىلەردىكى زور ئىختىلاپ تېخى ھەل قىلىنمىدى، بۇئېنوسئايرېسقا كېلىشتىن بۇرۇنلا ھەر قايسى تەرەپلەر يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلىدىغان نەتىجە ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، يەنى بىر قانچە ئاساسلىق سۆھبەت قارالمىسىدىكى ئالدىن خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىر قەدەر چوڭ تالاش-تارتىشى مەۋجۇت.

  ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان سۆھبەت نەتىجىسى بېلىقچىلىق قارالمىسىغا مەركەزلەشتى. بېلىقچىلىق تولۇقلىمىسىنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ھەر قايسى تەرەپلەر بەزى بېلىقچىلىق تولۇقلىمىسىنى چەكلەش ھەققىدە قىسمەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ۋە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ قانۇنسىز، دوكلات قىلماسلىق، چەكلىمىسىز تۇتۇش ۋە ھەددىدىن ئارتۇق بېلىق تۇتۇش تولۇقلىمىسى قاتارلىقلار چەكلەندى.

  ئۇندىن باشقا، يېزا ئىگىلىك قارالمىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت ھەققىدىمۇ بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا مەلۇم بۆسۈش بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم ھاسىل قىلىدىغان ئورتاق تونۇش ئاساسلىقى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى ئاشلىق ساقلاش مەسىلىسىنى چۆرىدەيدۇ.

  كۆپ تەرەپلىك سۆھبەت قارالمىسىدىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىدىغان كۆپ تەرەپلىك قارالمىلار بار، ئالايلۇق: جىنسى پەرق قارالمىسى، تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇ تولۇقلىمىسى قارالمىسى قاتارلىقلاردا قىسمەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدۇ.

  خەلقئارا سودا ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدىكى تەھلىلگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىللىق مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا نۇرغۇن مۇقىمسىزلىقلارنىڭ بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب- دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسەت، ئىقتىساد، سودا مۇھىتى جەھەتتە يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىدە.

  1-، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي سىياسىي ۋەزىيىتىدە مۇقىمسىزلىق كۆپىيىپ كەتتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپتىكى رەھبەرلىك ئەندىزىسى ئۆزگەردى، مۇقەررەر ھالدا سىستېمىلىق سۈركىلىش ۋە مۇقىمسىز ۋەزىيەت بارلىققا كېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمىدى. يەر شارىلىشىش سەۋەبلىك دۆلەت ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەيدىغان ئەندىشە كۆرۈلدى، شۇنىڭدەك 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش رىتىمى تەكشىسىز بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئامېرىكا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە نارودنىكلىق كۈچلەر قەد كۆتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مەركىزى داۋاملىق ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە يۆتكەلدى.

  2-،يەر شارىنىڭ سودا ھەمكارلىق مېخانىزمى كۆپ خىللاشتى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ سۇپىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتنىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، رايون دائىرىسىدىكى كېلىشىم ئارقىلىق چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز نامايان بولماقتا. «بىر بەلباغ ، بىر يول» تەشەببۇسى، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتى، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يولغا قويۇش-رايونلارنىڭ سودا ھەمكارلىقىنى يېڭى پىكىر يولى ۋە يېڭى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

  3-، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىچكى خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. بىر تەرەپتىن، دوھا قارالمىسىنى داۋاملاشتۇرۇش-داۋاملاشتۇرماسلىق ھەققىدە تالاش-تارتىش مەۋجۇت. يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىش مېخانىزمى سىستېمىلىق توسالغۇغا دۇچ كەلدى. ئامېرىكا نارازىلىق ئەرز ئورگىنىنىڭ يېڭى سودىيەلىرىنى سايلاش تەرتىپىنى باشلاشنى ئۆز ئالدىغا توسقانلىقتىن، دۇنيا سودىسىدىكى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ نارازىلىق ئەرز ئورگىنىدىكى 7 سودىيەنىڭ ۋەزىپىسىنى ھازىر پەقەت بەش سودىيە ئۆتەيدۇ. مەسىلەن: سايلام داۋاملىق توختاپ قالسا شۈبھىسىزكى، نارازىلىق ئەرز ئاپپاراتلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: گەرچە قاتمۇقات خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقە قىلىشىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم.

  جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇڭ شەن9-دېكابىر بۇئېنوسئايرېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر