باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك «جەنۇب-جەنۇب ئىنسانىي ھوقۇق مۇنبىرى» باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى، تەرەققىيات ئارقىلىق ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

2017.12.08 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك «جەنۇب-جەنۇب ئىنسانىي ھوقۇق مۇنبىرى» 12-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مۇنبەرنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ، دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەققانىي، ئادىل، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان روھ بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ تېخىمۇ تولۇق ئىنسانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ھەممە كىشى ئىنسانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەر مىللىي ئازادلىق ۋە دۆلەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىككە ئېرىشىپ، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە بەختتىن بەھرىمەن بولۇپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىپ ۋە تىرىشىپ، دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر