باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كەسىپ ئەھلىنىڭ «ھۈنەرۋەن روھى» توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزى

قۇربانجان ۋە ئۇنىڭ كەشپىياتخانىسىدىكى 19 يىلغىچە ئۆزگەرمىگەن ھۈنەرۋەنچىلىك ئىخلاسى

2017.12.13 15:40   مەنبە: خەلق تورى

قۇربانجان ۋە ئۇنىڭ كەشپىياتخانىسىدىكى 19 يىلغىچە ئۆزگەرمىگەن ھۈنەرۋەنچىلىك ئىخلاسى

  مۇھەررىردىن: 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىلىم تىپىدىكى، تېخنىكا تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، نەمۇنىلىك روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئەمگەك شەرەپلىك» دەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان كەسپىي ئادەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، قۇربانجان بارات جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ مىچۈن-كۆكتاغ سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان زاۋۇتىدا، ئۆزىنىڭ توكچىلىق ئۇستىخانىسىدا ھەرىكەتچان كىچىك ماشىنىنى ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتىكى رېلىسقا ئورناتماقتا ئىدى. بۇ ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان يېڭى بىر تۈرى __ توك تەقسىملەش ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى بولۇپ، بۇ ئەسۋابنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلىشى ئەمگەك كۈچىنى ئازاد قىلىپ، توك تەقسىملەش ئۆيىدە 24 سائەت تۇرۇپ ئىشلەش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتتى.

  ئۇ «ئاپتونوم رايون بويىچە 10-تۈركۈمدىكى گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس» بولۇپ باھالاندى

  38 ياشقا كىرگەن قۇربانجان بارات تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش، ئاسراش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 19 يىل بولدى.

  __ زاۋۇت ئىچىدىكى توك بىلەن ئالاقىدار ھەرقانداق ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى مەن ئوڭشىيالايمەن!- قۇربانجان كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. شۇ سەۋەپتىنمۇ زاۋۇت ئىچىدىكى ھەممىسى قۇربانجاننى «قۇربانجان پىرىم» دەپ ئاتايتتى.

  قۇربانجان كەشپىياتقا ئامراق بولۇپ، بۇنى جۇڭتەي گۇرۇھىدىكى ھەممەيلەن بىلىدۇ. 2015-يىلى 3-ئايدا، ئۇ «ئاپتونوم رايون بويىچە 10-تۈركۈمدىكى گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس» بولۇپ باھالاندى. قۇربانجاننىڭ ئۆزگەرتىش تۈرى ئىچىدە، ئىسمىنا گۇرۇپپا خىزمەتچىلىرىنى ئەڭ خۇش قىلغان بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ داشقال چۆكمىسىنى بېسىپ سۈزۈش ماشىنىسىنىڭ ۋېكليۇچاتىلى.

  داشقال چۆكمىسىنى بېسىپ سۈزۈش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلاتچىسى ما چىفا مۇنداق دېدى: داشقال چۆكمىسى بولسا سانائەت كېرەكسىز ماتېرىيالى بولۇپ، باستۇرۇپ سۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىلگىرى داشقال چۆكمىسىنى بېسىپ سۈزۈش مەشغۇلاتىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئادەم كۈچى ئارقىلىق قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ھەر كۈندە يۈز قېتىمدىن ئارتۇق قول بىلەن تارتقاندا ۋېكليۇچاتىلنىڭ خورىشىنىمۇ تېزلەشتۈرۈۋېتەتتى.

  ھازىر قۇربانجاننىڭ ئۆزگەرتىشى بىلەن، تارتىش ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىنىدىغان ۋېكليۇچاتىل ئىندۇكتورلۇق سېزىمچان ۋېكليۇچاتىلغا ئالماشتۇرۇلۇپ، ئادەم ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. داشقال چۆكمىسىنى بېسىپ سۈزۈش ماشىنىسى ئاپتوماتىك ھالدا سېزىپ، مەشغۇلاتنى تاماملايدۇ. بۇرۇنقى بىر يىلدا ئۈچ قېتىم ئالماشتۇرىدىغان ۋېكليۇچاتىلمۇ ھازىر ساپساق تۇرىدىغان بولدى، بۇنىڭلىق بىلەن ھەر يىلى شىركەت ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم تېجىلىپ قالدى.

  قۇربانجان مۇنداق دېدى: «جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشىمۇ ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، ئەگەر بىر كۈن كونىلىققا چاپلىشىپ، يېڭىلىق ياراتمىساق، يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگەنمىسەك چوقۇم ئارقىدا قالىمىز».

  مانتيورلار ئۈچۈن ئەڭ تەس نەرسە رېمونتچىلىق بىلىملىرىنىڭ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرۇشى بولۇپ، تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقاندىلا، ئاندىن خىزمەتنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغىلى، كارخانا ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ.

  تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ماتېرىياللىرى سۇلياۋ ئىزولياتورلۇق بۇيۇملار بولۇپ، ناۋادا ئۇنى ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلار مەھسۇلاتنى ئىشلەشتىن توختىغان بولسا، يەنە ماس كەلگۈدەك بىرىنى تېپىش ناھايىتى تەس ئىدى. زاپچاسنى ئۆزى ياساش ئۈچۈن مەخسۇس قېلىپ كېتەتتى، بۇنىڭغا ۋاقىتمۇ جىق كېتىپلا قالماي، باھاسىمۇ ئېشىپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن قۇربانجاندا تەۋەككۈلچىلىك خىيالىدىن بىرسى پەيدا بولدى، ئۇ بولسىمۇ يۇقىرى ۋە يېڭى تېخنىكا __ 3D پىرىنتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق سۇلياۋ زاپچاسنى ياساپ چىقىش.

  2016-يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدا، قۇربانجان ئۆزى پۇل چىقىرىپ، 3D پىرىنتېرىدىن بىرنى ئالدى، ئاندىن ۋاقتى بولسىلا، 3D پىرىنتېرىغا ئائىت كەسپىي كىتابلارنى كۆردى، تورغا چىقىپ ئۆگەندى. دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئۇ تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، 3D پىرىنتېرلاش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.«قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگەندەك، قۇربانجان ئۆگەنگەن بىلىملىرى ۋە تېخنىكىسىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، 3D پىرىنتېرلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق 1-زاپچاسنى ياساپ چىقتى. بۇ زاپچاس تەكشۈرۈش ۋە باھالاشتىن كېيىن مەشغۇلات ماشىنىسىنىڭ كارتا سۈرتۈش ماشىنىسىدا ئىشلىتىلدى.

  قۇربانجان 3D پىرىنتېرلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى باشلىدى، ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى، چىقىمنى تېجىدى. نۆۋەتتە، قۇربانجان تېخنىكا ئېچىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، 3D پىرىنتېرلاش تېخنىكىسىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

  قۇربانجان مۇنداق دېدى: كېيىن پرىبور دېتال، ھەتتا بىر قىسىم نازۇك زاپچاسلار بۇزۇلۇپ قالسىمۇ، يەنە ئەسلىدىكى نۇسخىسى بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كارخانىنىڭ چىقىمىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

  قۇربانجان 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى «يېڭىلىق يارىتىش- تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، زامانىۋى ئىقتىسادىي سىستېما بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى» دېگەن سۆزنى ئېسىدە چىڭ تۇتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق ياراتقانلار ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقانلار قۇدرەت تاپىدۇ. دۆلەتنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدى، مەن ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانا ئۈچۈن، دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…
    ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن دۆلىتىمىزگە يەتكۈزۈلىدىغان گاز مىقدارى 200 مىليارد كۇپمېتىرد…