باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭدا يېشىل تاشلىق «كىچىك ھارۋا» تۇرمۇشىمىزنى تېزلەتتى

2017.12.12 15:26   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭدا يېشىل تاشلىق «كىچىك ھارۋا» تۇرمۇشىمىزنى تېزلەتتى

  يېشىل تاشلىق پويىز قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى ئارىلىقىدىكى قۇم بورانلىق رايوندا كېتىۋاتماقتا (26- نويابىر فوتوسى). كۆچمە قۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، رېلىسنىڭ ئىككى تەرىپىدە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش يېشىل تورلىرى تەسىس قىلىندى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېتىدە قەشقەر-خوتەن ئىككى جاي ئارىلىقىدا يېشىل رەڭلىك پويىز − «خوتەن يورۇڭقاش» ناملىق پويىز قاتنايدىغان بولۇپ، پويىزنىڭ 19 ۋاگونى بار، بىر قېتىمدا 1000غا يېقىن يولۇچىنى توشۇيالايدۇ، ھازىرغىچە يەنىلا ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ.

  خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت قاتناش قولايسىز بولۇپ كەلگەن. 2011-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «خوتەن يورۇڭقاش» ناملىق يولۇچىلار پويىزى قاتناپ، خوتەن ۋىلايىتىگە پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ پويىز يەنە يەنە بىر قېتىم تەڭشىلىپ، يۈرۈش قېتىم سانى كۆپەيتىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلدى.

  ئېلېكتىرلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ پويىز خۇددى قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقان «كىچىك ھارۋا»غا ئوخشاپ قالدى، لېكىن ئۇنىڭ ئەرزانلىقى ۋە ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش رولى لىنىيە بويىدىكى ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشتۈردى. قىسقىغىنە ئالتە يىلدا، قۇملۇقنىڭ چېتىدە يۈرۈۋاتقان يېشىل تاشلىق «كىچىك ھارۋا» 15 مىليون ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…
    ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن دۆلىتىمىزگە يەتكۈزۈلىدىغان گاز مىقدارى 200 مىليارد كۇپمېتىرد…