باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش خىزمىتىنى باھالاش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.12.13 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش خىزمىتىنى باھالاش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، 2017-يىلدىن 2020-يىلغىچە، ھەر قايسى ئۆلكىلىك(ئاپتونوم رايون، شەھەر) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى يىللىق باھالاشنى يولغا قويۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى تەۋەلىكى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك ئىش ھەققى ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى قارار قىلدى.

  «چارە» 13 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، باھالاش سۇبيېكتى ۋە ئوبيېكتى، باھالاش مەزمۇنى ۋە تەرتىپى، دەرىجىگە ئايرىپ باھالاش ۋە باھالاش ئۆلچىمى، باھالاش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئىشلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. باھالاش خىزمىتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بويىچە مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى مەسئۇل بولۇپ يولغا قويىدىغانلىقى، مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسىنىڭ كونكرېت تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقى بېكىتىلدى.

  «چارە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باھالاش خىزمىتىدە نىشان يۆنىلىشى، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېتىبار بېرىش كېرەك. باھالاش ئوبيېكتى ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى. باھالاش مەزمۇنى ئاساسلىقى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش بولۇپمۇ قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «چارە»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: باھالاش ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ. ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باھالاش لايىھەسى ۋە تەپسىلىي قائىدىسى بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش يىللىق خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىپ مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىن ئىشخانىسىغا بېرىدۇ. ئىككىنچى، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش. مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىن ئىشخانىسى ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلارنى تەشكىللەپ باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرىدۇ. ئۈچىنچى ئۇنىۋېرسال باھالاش. ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىن ئىشخانىسى ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلارنى تەشكىللەپ تەكشۈرۈپ باھالاپ، تەكشۈرۈش دوكلاتى يازىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر