باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ماۋرىتىئۇس بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى رەسمىي باشلاندى

2017.12.14 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بىلەن ماۋرىتىئۇس 12- چېسلا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 11 ـ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى مەزگىلىدە ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى رەسمىي باشلىدى.

  شۇ كۈنى، جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ شۇۋېن ۋە ماۋرىتىئۇس ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى دالادوۇدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ بىرلىكتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرلىقى بىلەن ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋە خەلقئارالىق سودا ئىشلىرى بۆلۈمىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ بىرلىكتە جۇڭگو-ماۋرىتىئۇس ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلاش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى»گە ئىمزا قويۇشتى، ھەمدە ھەر ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ماۋرىتىئۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلاشتى.

  جۇڭگو بولسا، ماۋرىتىئۇسنىڭ 2- چوڭ سودا شېرىكى ۋە 1- چوڭ ئىمپورت دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. 2016-يىلى 11- ئايدا، جۇڭگو-ماۋرىتىئۇس ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلاش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى بىرلەشمە تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشقان ئىدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭگو ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئارا يولغا قويۇلغان تۇنجى ھەمكارلىق، يەنى، ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە بىرلىكتە قانات يايدۇرۇلغان تۇنجى بىرلەشمە تەتقىقات ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر