باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بەش خىل ئەھۋالدا ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئاغرىقنى ئۆز ئالدىغا تەدبىر قوللىنىپ قۇتقۇزسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

2017.12.14 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 13- دېكابىر «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ داۋالاش زىيىنى جاۋابكارلىقى ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھات»نى ئېلان قىلدى، 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئەدلىيەلىك ئىزاھاتقا ئاساسەن، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئاغرىقنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللاردا ھەم ئاغرىقنىڭ پىكرىنى ئېلىش مۇمكىن بولمىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنىنىڭ 56– ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاغرىقنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ پىكرىنى ئالغىلى بولمىغانلىقى بېكىتىلگەن بولسا: يېقىن تۇغقانلىرى ئېنىق بولمىسا؛ يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلەشكىلى بولمىسا؛ يېقىن تۇغقانلىرى پىكىرنى بايان قىلىشنى رەت قىلسا؛ يېقىن تۇغقانلىرى بىردەك پىكىرگە كېلەلمىسە؛ قانۇن- نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا.

  ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا مۇنداق بەلگىلەندى: بۇ خىل ئەھۋاللاردا، تېببىي خادىملار داۋالاش ئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ ياكى ھوقۇق بېرىلگەن مەسئۇلنىڭ تەستىقى بىلەن دەرھال مۇناسىپ داۋالاش تەدبىرىنى يولغا قويغاندا، ئاغرىقلار بۇنىڭ بىلەن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلسا، قوللاشقا بولمايدۇ؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە تېببىي خادىملار بىپەرۋالىق قىلىپ مۇناسىپ داۋالاش تەدبىرىنى يولغا قويمىغانلىقتىن زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغاندا، ئاغرىق داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلسا، قوللاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر