باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى بۇتېفلىكا ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئالجىرىيە 1-نومۇرلۇق خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

2017.12.11 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى بۇتېفلىكاغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئالجىرىيە 1-نومۇرلۇق خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ شىچاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ئالجىرىيە 1-نومۇرلۇق خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى تۈرى جۇڭگو-ئالجىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك يول ئاچتى، ئالجىرىيەنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. جۇڭگو ئالجىرىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر