باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

«تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

2017.12.12 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  بۇ، شى جىنپىڭنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ يېڭىچە ئىپادىسىدىن پەخەس بولۇشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ» دېگەن ماقالىسى توغرىسىدا بەرگەن يوليورۇقى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماقالىدە ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋال قارىماققا يېڭى ئەھۋالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كونا مەسىلە، بۇ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ جاھىل، تەكرارلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار «تۆت خاھىش»نىڭ ئىپادىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئاساسىي زىددىيەتلەرنى چىڭ تۇتۇشى، بولۇپمۇ ئىپادە بىلدۈرۈش كۆپ بولۇش، قۇرۇق شوئار توۋلاش، ھەرىكىتى ئاز بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئەستايىدىل ئۆزگەرتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، «سەركە ئۈنۈمى»نى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايلى» باش تېما تەربىيەسىدە شەكىلۋازلىق قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ياخشى ئىستىل بىلەن ياخشى ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم يوليورۇقىدا جەمئىيەتتىكى ئىللەتلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىلدى، يوليورۇقنىڭ مەزمۇنى مول، تەلىپى ئېنىق بولۇپ، ئۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىدىغان، ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرىدىغان ئېنىق پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلىدى، بۇ يوليورۇق پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىدە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر