باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە ساياھەت يىلى»نىڭ يېپىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.12.08 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە ساياھەت يىلى»نىڭ يېپىلىش مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ لائۇساندا يېپىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە ساياھەت يىلى» ئۆتكۈزۈشنى فېدېراتسىيە رەئىسى لويىتىخارد بىلەن بىرلىكتە قارار قىلغان. بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ساياھەت يىلىنى پۇرسەت بىلىپ، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ قاتنىشىشى ۋە قوللىشى جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئىككى تەرەپنىڭ «جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە ساياھەت يىلى»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر