باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تارىخنى ئۇنتۇماي، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلايلى

2017.12.13 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون باسقۇنچىلىرى نەنجىڭنى خانىۋەيران قىلدى. ئاۋامنى تالان-تاراج ۋە قىرغىن قىلدى. 300 مىڭ كىشى ئارمان بىلەن جېنىدىن جۇدا بولدى. قۇياش ۋە ئاي خىرەلەشتى، يەر-زېمىن تىترىدى. بۇنداق قەبىھ ياۋۇزلۇق دۇنيادا ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن».

  بۈگۈن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت قانلىق ۋەقەنىڭ 80 يىللىق خاتىرە كۈنى، شۇنداقلا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازاغا قىلغانلارغا 4-قېتىملىق دۆلەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى. بۇ قايغۇلۇق كۈندە بىز نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بىگۇناھ قازا قىلغانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان بارلىق قېرىنداشلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە مىللىي قەھرىمانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز.

  ئۈچ يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش يۈكسەك ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇماي، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتەك قەتئىي مەيدانىنى جاكارلىغانىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، بىز دۆلەت نامىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ھۆرمەت ھېسسىياتىمىز بىلەن تىنچلىقنى قەدىرلەپ، مىللەتنىڭ كۈچى بىلەن گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلىدۇق. بۈگۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز پارلاق، جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي مۇستەھكەم.

  1937-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرى جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى نومۇسسىزلارچە قوزغاپ، جۇڭگو خەلقىگە مىسلىسىز زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى نەنجىڭغا ياۋۇزلارچە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋەقەسىنى سادىر قىلدى، 300 مىڭ قېرىندىشىمىز ئېچىنىشلىق قىرغىن قىلىندى. بۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن زۇلمەتلىك بىر بەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك يۈرەك يارىسى. ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە جۇڭگو خەلقى ئىنتايىن قەبىھ، ياۋۇز ياپون تاجاۋۇزچىلىرى ئالدىدا تىز پۈكمىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چاقىرىقى ۋە يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئاكتىپ كۈچلىرى دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، تاشقى دۈشمەنگە بىردەك تاقابىل تۇرۇپ، ئاخىرىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر