باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن رۇسىيە قىسىملىرىغا سۇرىيەدىن چېكىنىپ چىقىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

2017.12.12 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 11-دېكابىر سۇرىيە ھامايمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا، ئۆزىنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق رۇسىيە قىسىملىرىغا سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

  سۇرىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: پۇتىن شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ لاتتاكىيا ئۆلكىسىدىكى ھامايمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ كەلدى ۋە سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئارقىدىن بىرلىكتە ھەربىي قىسىمنىڭ مانېۋىرىنى كۆردى

  پۇتىن مۇنداق دېدى: «مەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە قوراللىق قىسىم باش ئىشتابىنىڭ باشلىقىغا سۇرىيەدىكى قىسىملارنى ئەسلىي تۇرۇشلۇق جايغا چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردۈم».

  ئۇ يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: ئەگەردە تېررورچى كۈچلەر سۇرىيەدە يەنە قايتا باش كۆتۈرسە، رۇسىيە ئۇلارغا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زەربە بېرىدۇ.

  پۇتىن بىلەن سۆھبەتلىشىش داۋامىدا، بەشىر سۇرىيەنىڭ تېررورىزىمغا زەربە بېرىش ئۇرۇشىدا رۇسىيەنىڭ كۆرسەتكەن ياردىمىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: سۇرىيە خەلقى رۇسىيەنىڭ تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. رۇسىيە ھەربىي قىسىمى ۋە سۇرىيە ھەربىي قىسىمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قېنى بىرگە ئاقتى، ئۇلار كېيىنكىلەر ئۈچۈن ماياك بولدى.

  2015-يىلى 9-ئايدا، رۇسىيە سۇرىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سۇرىيەدىكى ئەسەبىي كۈچلەرگە ھەربىي زەربە بېرىشكە قاتناشقان. بۇلتۇر 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئاساسلىق ھەربىي كۈچلىرى سۇرىيەدىن ئايرىلىشقا باشلىغان، بىراق رۇسىيە ھامايمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە تارتۇس دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر