باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنىدە نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟

2017.12.13 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، خەندەن شەھىرى خەنشەن رايونلۇق تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شام ياندۇرۇپ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. شۇ كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى خەنشەن رايونلۇق تەجرىبە باشلانغۇچ مەكىپى «شام نۇرىدا قايغۇنى بىلدۈرۈش − نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، قايغۇ بىلەن ياد ئەتتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 13-كۈنى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈرۈۋاتقان مەزگىلدە، خەلقنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنىگە قانداق قاتنىشىشىمىز كېرەك؟

  «ئاپەتلىك تارىخ مىللەت خاتىرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇشى كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەمدە دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتە، ئومۇمىي خەلق بىرلىكتە قاتنىشىشى كېرەك.» جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى يۈرگۈزگەن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن، سىز دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈشتە زادى كىمگە تەزىيە بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7- يىغىنىدا ماقۇللانغان قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش ئوبيېكتى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلار ۋە ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق قىلغان مەزگىلىدە ئۆلتۈرۈلگەن بارلىق قېرىنداشلارنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلار، خىمىيەلىك قورال بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر، زەھەرلىك باكتېرىيە ئۇرۇشى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر، ئەمگەك بىلەن قازا قىلغانلار، قازا قىلغان ھال سورىغۇچى ئاياللار، «ئۈچ يوقىتىش ئۇرۇشى»دا قازا قىلغانلار، پەرقسىز بومباردىمان قىلىشتا قازا قىلغانلار.

  12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى پائالىيىتىگە بارلىق خەلقنىڭ قاتنىشىشى زۆرۈر. جاڭ جيەنجۈن قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: قازا قىلغان قېرىنداشلارغا ئاتاپ بىرەر پارچە تەزىيە يازمىسى ياكى بىر نەچچە ئېغىز تەزىيە سۆزى يېزىپ، قازا قىلغانلارغا بولغان قايغۇسىنى ۋە تەزىيەسىنى بىلدۈرۈش؛ تېلېۋىزور، رادىيو ياكى تورنى ئېچىپ، نەنجىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىكى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش؛ تەزىيە سىگنالى ئاۋازى ياڭرىغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، قولىدىكى ئىشلارنى دەرھال توختىتىپ، سىگنال ئاۋازى ئىچىدە ھۆرمەتتە تۇرۇپ ماتەم تۇتۇش؛ تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدىكى تەپسىلىي لايىھەلەرگە دىققەت قىلىپ، «ۋەتەننىڭ ئار-نومۇسىنى ئۇنتۇماي، جۇڭخۇا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»نىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى چۈشىنىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ كۈنى بارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى توختىتىش كېرەك.

  نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ شېڭ مۇنداق دېدى: قىسقا ۋاقىتلىق تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئۇنىڭدىن تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتەك مەسئۇلىيەتنى تونۇپ يېتىش لازىم. بۇ دەل دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتىدۇر.

  جاڭ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قايتىدىن رەتلەنگەن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ تارىخىي پاكىتلار كۆرگەزمىسى جامائەتچىلىككە ئېچىۋىتىلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ خاتىرە سارىيىغا كىرىپ، ئۇ مەزگىلدىكى ئاپەتلىك تارىخنى ئەسلەپ، ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش كۈچىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر