باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مالدىۋې زۇڭتۇڭى ئارمىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا بىردەك قوشۇلدى

2017.12.08 16:04   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ مالدىۋې زۇڭتۇڭى ئارمىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن مالدىۋې زۇڭتۇڭى ئارمىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مالدىۋې جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى، جۇڭگو بىلەن مالدىۋې ئەنئەنىۋى ياخشى دوستلاردىن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو ج ك پ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن كۈتۈۋالغان تۇنجى ئەتراپتىكى دۆلەت باشلىقى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، دوستانە ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم راۋاجلاندۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-مالدىۋې مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەت كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئومۇميۈزلۈك دوستلۇق، ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. مەن ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان مالدىۋېنىڭ رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن يۈكسەك ماسلىشىدۇ. جۇڭگو مالدىۋېنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى ئالقىشلايدۇ، مالدىۋېنى 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، مالدىۋې بىلەن بولغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…
    ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن دۆلىتىمىزگە يەتكۈزۈلىدىغان گاز مىقدارى 200 مىليارد كۇپمېتىرد…
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2018-يىللىق سەنئەت كەسپى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە گۈزەل سەنئەت تۈرى،…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى باشلاندى
    ·بېيجىڭ قىزىل-سېرىق-كۆك يېڭى ماكان بالىلار باغچىسىنىڭ بىر مۇئەللىمى بالىلارنى خورلىغان دەپ گۇمان قىل…