باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

قومۇل شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت- دىن- قانۇنچىلىق ۋە مۇھاجىرلار ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابلىز ئابدۇللا

2017.12.12 14:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن بىمەنە سەپسەتىنى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى زەھەرلەپ، قايمۇقتۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەڭ قەبىھ، ئەسەبىي، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل ئەپت- بەشىرىسى ۋە ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى ياۋۇز ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى. بىز بۇنى قەتئىي تەنقىد ۋە پاش قىلىپ، ئۇنىڭغا قەتئىي قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشىمىز كېرەك. بىز ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، قەلبىمىز مەڭگۈ مىننەتدارلىققا تولۇشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز بولمىسا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى بولمايدۇ. دۆلىتىمىز گۈللىنىپ قۇدرەت تاپقاندىلا، تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ ئازادە تۇرالغۇ شارائىتى، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىتىمىز بولىدۇ. شۇڭا بىز ھەر مىللەت ئامما پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز كىشى يوق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ئۆز ئىشىمىز بىلىپ، يۈكسەك خوجايىنلىق ئېڭى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تۇرۇشلۇق كەنت، مەھەللىگە ئۆز ئائىلىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قۇرۇپ، ھەر بىر كىشىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى پولات سېپىلنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدىشىمىز كېرەك. «ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى» ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالىي مەنپەئىتى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىن ساداقىتىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، جاپالىق ئەمگىكىمىز بىلەن گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىمىز كېرەك. ياخشى كۈنلەر ئاسماندىن چۈشمەيدۇ. ھەر بىرىمىز، ھەر بىر ئائىلە بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئىنتىلىشىمىز، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. نۆۋەتتىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەت، ياخشى سىياسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، ئەقىل- پاراسىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ، جاپالىق ئىشلەپ قان- تەر ئاققۇزۇپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- ئاۋات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ بىپايان زېمىنىدا ماڭا ئوخشاش پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشكەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى سان- ساناقسىز. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، پارتىيە بىزنى تەربىيەلىدى، بىزگە غەمخورلۇق قىلدى، بىزنىڭ بىردىنبىر قىلىدىغان ئىشىمىز − ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش، سىياسىيدا كۈچلۈك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان باشلامچىلاردىن بولۇش. «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللىرى، پىلانلىغۇچىلىرى، قوللىغۇچىلىرى، «ھىماتچىلىرى»غا قارشى قەتئىي ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى دادىل ھايات- ماماتلىق كۈرەش قىلىپ، سىياسىي مەيدانىمىزنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە، خەلققە ساداقەتمەن بولۇشتەك پولاتتەك ئىرادىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر