باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ 2017-يىللىق گۇاڭجۇ «بايلىق» دۇنيا مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى

2017.12.07 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىللىق گۇاڭجۇ «بايلىق» دۇنيا مۇنبىرى باشلىنىش ئالدىدا، مەن مۇنبەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ئەزىز مېھمانلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن!

  بۇ نۆۋەتلىك «بايلىق» دۇنيا مۇنبىرىدە «ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش: ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتايلى» باش تېما قىلىنىپ، دىققەت دۇنيا تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ھالقىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەقىل كۆرسىتىدۇ. بۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىق كۈچىنى زور كۈچ بىلەن قوزغاپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتىمىز؛ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز. كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى تېخىمۇ يېتەرلىك، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۆپ، دۇنيا بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشى تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، دۇنيا تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىدۇ، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  جۇڭگو ئىقتىسادى ئۇزاققىچە گۈللىنىشتەك پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، سىجىل گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىغا، شارائىتىغا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئىگە. جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇكى، ھەرگىز تاقىۋالمايدۇ، تىجارەت مۇھىتى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلىدۇ، ئېنىق بولىدۇ، قېلىپلىشىدۇ. جۇڭگو دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مەنپەئەت قوشۇلۇش نۇقتىسىنى زورايتىپ، سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى ۋە قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىش بويىچە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. دۇنيادىكى كارخانىچىلارنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ، كەسپنى گۈللەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى ياراتقان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو، چەت ئەل ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىكى گۈزەل كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

  2017-يىللىق گۇاڭجۇ «بايلىق» دۇنيا مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  2017-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى

  (خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى)

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر