باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ تۈرمىدە كۆرۈشۈش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردى

ئادۋوكاتلار دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا قاماقتىكى جىنايەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە يوشۇرۇن ئاڭلاشقا يول قويۇلمايدۇ

2017.12.12 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇقۇشىچە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئادۋوكاتنىڭ تۈرمىگە قامالغان جىنايەتچى بىلەن كۆرۈشۈش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويغان. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاقلىغۇچى ئادۋوكات دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان، ئەيىبلىنىۋاتقان، سوتلىنىۋاتقان قاماقتىكى جىنايەتچى بىلەن كۆرۈشكەندە، يوشۇرۇن تىڭشىماسلىقى، تۈرمە ساقچى ئەۋەتىپ نەق مەيداندا تۇرماسلىقى كېرەككەن. ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ بەلگىلىمە ئادۋوكات تۈرمىدە ھەم جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى جىنايىتى چۈشۈپ قالغان قاماقتىكى جىنايەتچى بىلەن كۆرۈشكەندىكى ئەھۋالغا تەتبىقلىنىدىكەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى يولغا قويۇلغان «ئادۋوكاتنىڭ تۈرمىگە قامالغان جىنايەتچى بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان يېڭى بەلگىلىمە ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپكارلىق ھوقۇقى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرۈلگەن. يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر ۋاقىتلىق بەلگىلىمە ئەمەلدىن قالىدىكەن.

  يېڭى بەلگىلىمىدە، ئاقلىغۇچى ئادۋوكات دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان، ئەيىبلىنىۋاتقان، سوتلىنىۋاتقان قاماقتىكى جىنايەتچى بىلەن كۆرۈشكەندە، يوشۇرۇن تىڭشىماسلىق، تۈرمە ساقچى ئەۋەتىپ نەق مەيداندا تۇرماسلىق بەلگىلەندى. بۇ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، ئادۋوكاتلار قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردىكى ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشكەندە يوشۇرۇن ئاڭلىماسلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ماس كېلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر