باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خىزمەتتە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمەن

شىنجاڭ قومۇل رادىيو- تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئابلا ئىسمائىل

2017.12.12 14:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېنىڭ مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 35 يىل بولدى، بۇ جەرياندا قومۇلنىڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، چوڭلار ئالىي مائارىپى قاتارلىق مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىش جەريانىغا شاھىت بولدۇم. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، مەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتىمەن.

  دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشتىن- ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان ئىنتىلىشى. مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشىمەن؛ پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەگە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتىنى باشتىن- ئاخىر چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسىتىمنى بېغىشلايمەن.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشتىن- ئاخىر يېتەكچى قىلىپ، كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن؛ پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخى ۋە كۈرەش مۇساپىسىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ھەقىقىي زىممەمگە ئالىمەن؛ باش نىشاننى باشتىن- ئاخىر قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە مەيدانىم قەتئىي، پوزىتسىيەم روشەن، ھەرىكىتىم ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مەكتەپنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدايمەن؛ پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇنىڭغا ئاداققىچە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن؛ پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، «جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش»نى ئۆزۈمنى رىغبەتلەندۈرۈش، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن.

  ئەسلىي مەقسەتنى باشتىن- ئاخىر ئۇنتۇماي، ياخشى نەتىجە يارىتىمەن. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن ئۆزۈمنى قوراللاندۇرۇپ، غايە- ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمەن.

  مەكتەپنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرىمەن ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە ئالاقىدار تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرىمەن؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «ئۈچ كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن؛ قومۇلنىڭ ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قومۇل ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك مائارىپ سۇپىسى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشىمەن.

  يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. بىز چوقۇم تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرغىدەك روھ بىلەن مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر