باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، سادىقلىق بىلەن بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ئەخمەتجان ئاقنىياز

2017.12.12 14:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋر ئۈچۈن بايراق، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىنى يېتەكلىدى، ئۇ، دەۋر بۆلگۈچ ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتى پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىمەن.

  ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ساداقەتمەن بولۇش روھىنى مۇستەھكەم يېتىلدۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مەن ئادەتتىكى كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادام يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن خىزمەتكە قاتناشقان ۋە پارتىيەگە كىرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئۇلار ماڭا ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەربىيە بەرگەنلىكتىن، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى قان تومۇرلىرىمغا سىڭىپ كەتكەن. كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە، مەيلى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغاندا بولسۇن ياكى ئورگان ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى كۆپلىگەن ئىش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغاندا بولسۇن، ھەر بىر قېتىملىق ئىلگىرىلەش مۇساپەمگە پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقى سىڭگەن، پارتىيە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرمىگەن بولسا، بۈگۈنۈم بولمايتتى. پارتىيەنىڭ، خەلقنىڭ مېنى تەربىيەلىگەن شەپقىتىنى، يولداشلارنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى بەجانىدىل ئاڭلاپ، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ ماڭىمەن. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى روھىمغا سىڭدۈرۈپ، مۇستەھكەم سىياسىي ئىرادىنى ئىزچىل ساقلاپ، «تۆت ئىشەنچ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭ ئىگىلەيمەن.

  ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رەزىل نىيىتىنى ۋە قانۇننى دەپسەندە قىلىدىغان، خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىدىغان، ھاياتلىقنى كۆزگە ئىلمايدىغان جىنايى قىلمىشلىرىنى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ يامانغا يانتاياق بولىدىغان ماھىيىتىنى ۋە ئېغىر زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى بۇرچۇمنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستۈمگە ئېلىپ، باش نىشانغا يېتىشنى باشتىن- ئاخىر قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت بىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، باشلامچى ۋە ئۈلگە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن.

  ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى «پانئىسلامىزم» ۋە «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى پاش قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلەپ، ھەر خىل خاتا قاراشلارغا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» «پانئىسلامىزم» ۋە «پانتۈركىزم»نى ئىدىيەۋى ئاساس قىلىپ، تارىخنى بۇرمىلاپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قۇترىتىپ، مىللىي قارشىلىشىش پەيدا قىلىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ماجىرا تۇغدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزدى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن «پانئىسلامىزم» ۋە «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ھەم ئۇنىڭ يامان تەسىرى ۋە زىيىنىنى بايرىقىمىز روشەن ھالدا چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، مەنبەسىنى چوڭقۇر قېزىش، تۈپتىن ھەل قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كاشىلىسى ۋە بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئاڭلىق ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ سۇيىقەستىنى ئۈزۈل- كېسىل تارمار قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا «بەشنى تونۇش» تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

  ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇل خىزمەت. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشتىن- ئاخىر كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى ۋە ئىشلارنى كۆپرەك قىلىمەن؛ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قەلبداش بولۇش، بىر- بىرىگە يار- يۆلەك بولۇش، قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈش، بىرلىشىپ قوغدىنىشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈزەل يۇرت- ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشقا تىرىشىمەن.

  ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پىلانلايمەن ۋە ئىلگىرى سۈرىمەن. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قويغان يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلىرى ئارقىلىق تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تۈرتكە بولىمەن. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى چۆرىدىگەن ھالدا نۇقتىلىق نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش، خەلققە ۋەكىللىك قىلىش ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەلرايىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، مەركىزىي شەھەرنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر