باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا 5 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتتى

2017.12.12 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 2017 — 2018 يىللىق مەملىكەتلىك قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئىككى مىنىستىرلىق يېقىندا ئاجرىتىلغان 5 مىليارد 727 مىليون 500 مىڭ يۈەن 2017 — 2018 يىللىق مەملىكەت بويىچە قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى جايلاردىكى ئاپەت رايونلىرىنىڭ بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاشلىق، كىيىم-كېچەك، ئىسسىنىش قاتارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى بىر تۇتاش ھەل قىلىشقا ئىشلىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش-ئەتىياز مەزگىلىدىكى ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى نىسبەت بويىچە تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئالدى بىلەن شۇ دەرىجىلىكنىڭ قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەبلەغ ئاجرىتىش رەسمىيىتى ۋە بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق مەبلەغ ئاجرىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەركەزنىڭ قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى بىر ئاينىڭ ئىچىدە ئاجرىتىلغان جاينىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇشى كېرەك، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى يۇقىرىنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە مەبلەغنى قۇتقۇزۇش ئوبيېكتلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى، خىزمەتلەرنى يېزا، ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر